كۆكتە قۇياش پارلايدۇ
ئەركىن قۇشلار سايرايدۇ
مەن ھاياتنى كۈيلىسەم
ھەممە يۈرەك ئاڭلايدۇ
كۆكتە قۇياش پارلايدۇ
ئەركىن قۇشلار سايرايدۇ
مەن ھاياتنى كۈيلىسەم
ھەممە يۈرەك ئاڭلايدۇ
چىقار مەيىن شاماللار
كۈلەر يۇلتۇز ھىلاللار
بېقىپ گۈزەل دۇنياغا
مەندە كۆپتۇر خىياللار
چىقار مەيىن شاماللار
كۈلەر يۇلتۇز ھىلاللار
بېقىپ گۈزەل دۇنياغا
مەندە كۆپتۇر خىياللار
ئېيتاي سۆيگۈ ناۋاسى
ئۇ قەلبىمنىڭ ساداسى
ياخشىلارغا سىرداشمەن
مەن ھاياتنىڭ شەيداسى
ئېيتاي سۆيگۈ ناۋاسى
ئۇ قەلبىمنىڭ ساداسى
ياخشىلارغا سىرداشمەن
مەن ھاياتنىڭ شەيداسى
مۇزىكا
دىل ياخشىلىق سۆزلەيدۇ
مۇھەببەتتىن كۈيلەيدۇ
مىھرىم بىلەن بۇ ئۆمۈر
باھار كەبى گۈللەيدۇ
دىل ياخشىلىق سۆزلەيدۇ
مۇھەببەتتىن كۈيلەيدۇ
مىھرىم بىلەن بۇ ئۆمۈر
باھار كەبى گۈللەيدۇ
چىقار مەيىن شاماللار
كۈلەر يۇلتۇز ھىلاللار
بېقىپ گۈزەل دۇنياغا
مەندە كۆپتۇر خىياللار
چىقار مەيىن شاماللار
كۈلەر يۇلتۇز ھىلاللار
بېقىپ گۈزەل دۇنياغا
مەندە كۆپتۇر خىياللار
ئېيتاي سۆيگۈ ناۋاسى
ئۇ قەلبىمنىڭ ساداسى
ياخشىلارغا سىرداشمەن
مەن ھاياتنىڭ شەيداسى
ئېيتاي سۆيگۈ ناۋاسى
ئۇ قەلبىمنىڭ ساداسى
ياخشىلارغا سىرداشمەن
مەن ھاياتنىڭ شەيداسى
مەن ھاياتنىڭ شەيداسى
- 1 Hayat Xaydasi