ئايخېنىم سۈزۈك چىراي
قومۇل 12 مۇقامىدىن پارچە
رەتلىگۈچى ئەركىن كېرەم
تەرجىمان ئەزھەرجان مەھمۇد
تۇرنىلار قاتار قاتار ئاي بولسا ئايدىڭ بولسا
يۈرۈگۈم راھەت تاپۇرمۇ كۆڭلۈمدىكى يار بولمىسا
ئايخېنىم سۈزۈك چىراي ئوتۇڭدا مەن قانداق چىداي
ئاخشىمى ئايدىڭدا چىقىپ تاڭ ئاتقۇچە تەمبۇر چالاي
مۇزىكا
مەن بېرىپ تامدىن ماراپ سەن ئۆيۈڭدا چاچ تاراپ
چىقمىدىڭغۇ ئايخېنىم مېنى تالادا ئىت تالاپ
ئايخېنىم سۈزۈك چىراي ئوتۇڭدا مەن قانداق چىداي
ئاخشىمى ئايدىڭدا چىقىپ تاڭ ئاتقۇچە تەمبۇر چالاي
مۇزىكا
گۈلمىدۇر ئاچىلغىلى بەرگىمىدۇر قايرىلغىلى
تاش ئىكەن باغرىڭ سېنىڭ ئۆلمەي تۇرۇپ ئايرىلغىلى
ئايخېنىم سۈزۈك چىراي ئوتۇڭدا مەن قانداق چىداي
ئاخشىمى ئايدىڭدا چىقىپ تاڭ ئاتقۇچە تەمبۇر چالاي
مۇزىكا
ئاينى ئاسماندا دىسەم ھەركوچىدا ئاي بار ئىكەن
يارنى مەن ياندا دىسەم يېنىدا يارى بار ئىكەن
ئايخېنىم سۈزۈك چىراي ئوتۇڭدا مەن قانداق چىداي
ئاخشىمى ئايدىڭدا چىقىپ تاڭ ئاتقۇچە تەمبۇر چالاي
ئايخېنىم سۇزۇك چىراي ئايخېنىم سۈزۈك چىراي ......
- 1 Ayhenim Suzuk chiray