作词 : Jurat-Nurulla
作曲 : Jurat-Nurulla
编曲 : Jurat-Nurulla
ئۆزگە باققا كۆز سالما ئۆز بېغىڭدا گۈلزارىڭ
نېمە تەشۋىش ئالەمدە تۇرسا ياندا ئۆز يارىڭ
ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس قازىنىدا ۋاپانى
ئاغرىپ قالساڭ پەرۋانە ئەتراپىڭدا ئۆز يارىڭ
ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس قازىنىدا ۋاپانى
ئاغرىپ قالساڭ پەرۋانە ئەتراپىڭدا ئۆز يارىڭ
كېسىلىپ كەتسە قوللىرىڭ ھېچكىم ئۇنڭدەك تاڭالماس
تىكەن كىرسە پۇتۇڭغا يايرىڭ ھېچكىم ئۇنىڭدەك ئالالماس
يۆلەپ يۈرەر بىر ئۆمۈر بولۇپ قالساڭ ماڭالماس
راھەتلىكى بار سەن ئۈچۈن ياققان شامدا ئۆز يارىڭ
يۆلەپ يۈرەر بىر ئۆمۈر بولۇپ قالساڭ ماڭالماس
راھەتلىكى بار سەن ئۈچۈن ياققان شامدا ئۆز يارىڭ
يۈگۈرۈپ چىقار ئالدىڭغا قايتىپ كەلسەڭ سەپەردىن
ئېسىلىدۇ بوينىڭغا يارىڭ ھامان كەلسەڭ يىراقتىن
يامان كۈن يوق ئالەمدە يارىسىز بويتاق ئۆتەر بىر
تۈنەپ چىقار سەن بىلەن ئەسكى تامدا ئۆز يارىڭ
چىنىسىدىن ئىلغايدۇ قىيمىسىنى چىنەڭگە
ئاچ قالغاندا بىچارە يايرىڭ ئاۋال چىقار بىنامگە
باي بولغاندا ياتقۇزۇپ ئاۋۋال سېنى گىلەمگە
تولغۇنىسەن راھەتتە ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ
باي بولغاندا ياتقۇزۇپ ئاۋۋال سېنى گىلەمگە
تولغۇنىسەن راھەتتە ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ
تولغۇنىسەن راھەتتە ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ
- 1 Oz yaring(最新版)